ئاڭ – سەۋىيەلىك، ئىمانلىق ۋە ئادالەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ئۇيغۇر جەمئىيىتى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلغان ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى 2018-يىلى 1-ئاپرېلدا قۇرۇلدى.
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى شەرقىي تۈركىستان ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ئالاقىسى بولغان باشقا مىللەت ۋە ئېتنىك توپلۇقلارنىڭ دىنىنى، تىلىنى، مەدەنىيىتىنى، ئۆرپ-ئادىتىنى، شۇنداقلا سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.